چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر 50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى

خەنزۇچە نامى :非洲统一组织

چەتئەلچە نامى :Organisation of African Unity

قۇرۇلغان ۋاقىت :1963 -يىل

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ھەققىدە 

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر 50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان. 1963 -يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئەددىس-ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن 31 ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يىغىندا ماقۇللانغان «ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى» دا: بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش، ئافرىقىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسىتىلدى. 

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا يەنە مىنىستىرلار كېڭىشى، دائىمىي كاتىباتلىق باشقارمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏