چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھېرودوت (Herodotus) تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 484-يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 430 ~ 420-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان. ئۇ قەدىمكى گىرېتسىيەدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، جۇغراپىيون ۋە سەيياھ. ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسەر غەرب تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ، جامائەتچىلىك تەرىپىدىن غەرب تارىخشۇناسلىق تارىخىدىكى تۇنجى بايان شەكلىدىكى تارىخىي كاتتا ئەسەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ھېرودوت

خەنزۇچە ئىسمى :希罗多德

باشقا نامى :تارىخ ئاتىسى

دۆلەت تەۋەلىكى :قەدىمكى گىرىتسىيە(يۇنان)

مىللىتى :گىرىك

يۇرتى :گىرىتسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىدىن ئىلگىرىكى 480-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىدىن ئىلگىرىكى 425-يىلى

كەسپى :تارىخشۇناس

چەتئەلچە نامى :Herodotus

ۋەكىللىك ئەسىرى :«تارىخ»

ھاياتى

3پارچەھېرودوتھېرودوت (Herodotus) تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 480-يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى425-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان. ئۇ قەدىمكى گىرېتسىيەدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، جۇغراپىيون ۋە سەيياھ. ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسەر غەرب تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ، جامائەتچىلىك تەرىپىدىن غەرب تارىخشۇناسلىق تارىخىدىكى تۇنجى بايان شەكلىدىكى تارىخىي كاتتا ئەسەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. قەدىمكى رىم مۇتەپپەككۇرى سەيسېرو (Cicero) ھېرودوتنى ‹‹تارىخشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى›› دەپ ئاتىغان، بۇ نام شەك-شۈبھسىزكى، ھېرودوتنىڭ تارىخىي ئورنىغا بېرىلگەن لىللا باھادۇر.

    خۇددى قەدىمكى گىرېتسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشلا، ھېرودوتنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىشەنچلىك ماتېرىياللار تولىمۇ ئاز. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە كەمدىن-كەم توختالغان، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن دەرۋداش ياشىغان يازغۇچىلارمۇ ھېرودوتنى ئاندا-ساندا ئەسلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تەپسىلىي توختالمىغان. شۇ ۋەجىدىن، تاكى بۈگۈنگىچە تەتقىقاتچىلار ھېرودوتنىڭ ھاياتى، ۋاپات بولغان يىلى ۋە ۋاپات بولغان ئورۇن قاتارلىقلار ھەققىدە يەنىلا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيۋاتىدۇ. ھېرودوتنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى گىرېتسىيە شەھىرىدىكى خالىكارناسسۇس (Halicarnassus) رايونى بولۇپ، ئۇ پېرسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرىنچى ئۆلكىسى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بىز ھېرودوتنى گىرېتسىيەلىك تارىخچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى بىر تارىخشۇناس دەپ ئېيتالايمىز. ھېرودوتنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى لىكسېس (Lyxes) بولۇپ، شۇ يەرلىك بايلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ تاغىسى (شىرەم تۇغقىنى)نىڭ ئىسمى پانياسسىس (Panyassis) داڭلىق ئېپوس يازغۇچىسى بولۇپ، ئىلگىرى يېزىلغان ئىئونىيە كېنەزلىكىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەسۋىرلەنگەن ئېپوسلاردا ئۇنىڭ شۆھرىتىنىڭ ھومېردىنلا كېيىن تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ خىل ئائىلە ئەھۋالى ھېرودوتنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلغان، شۇڭا تالانتلىق ۋە زېرەك ھېرودوت كىچىكىدىن باشلاپلا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، ھېسىيود (Hesiod)، ھېكاتائۇس (Hecataeus)، ساپفو (Sappho)، سولون (Solon) قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا تولا ئاڭلاۋېرىپ ياد بولۇپ كەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا خالىكارناسسۇستىكى ھۆكۈمرانلار يەنىلا پېرسىيەلىكلەرنىڭ زالىم پادىشاھى لۇگدامىس (Lygdamis)غا ئىتائەت قىلاتتى، ئۇ سالامىس (Salamis) دېڭىز ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن خالىكارناسسۇستىكى ھېلىقى ئايال پادىشاھ ئارتېرمىسىيا (Artermisia)نىڭ نەۋرىسى ئىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 461-يىلى، ھېرودوتنىڭ جەمەتى لۇگدامىسقا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، تاغىسى پانياسسىس ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھېرودوتنىڭ جەمەتىمۇ چېتىپ جازالىنىش سەۋەبىدىن شۇ يىلى ساموس (Samos) ئارىلىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ياش ۋاقتىدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلەر ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە يازغان ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرىنىڭ سىياسىي خاھىشىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 454-يىلىدىن باشلاپ، ھېرودوت ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەيياھلىق ھاياتىنى باشلاپ، پېرىسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ___ كارىيا (Caria) رايونىدىن باشقا، يېقىن ئەتراپتىكى ئىئونىيە (Ionia)، ئاۋلىس (Aeolis) قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ، ئۇ يەنە سۇرىيە (Syria)، لىدىيا (lydia)، پرىگىيا (Phrygia) دېگەن جايلارغا يېتىپ بارىدۇ، شەرقتە بابىلونىيا (Babylonia)غا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ، بەلكىم ئەرەب يېرىم ئارىلىدىنمۇ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، جەنۇبتا پونىكىيا (Phoenicia)، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە لىۋىيە (Libya)گە، ئەڭ يىراقتا قەدىمكى مىسىرنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ئېلېپانتىنې (Elephantine)غا، غەربتە ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيەگىچە يېتىپ بارىدۇ، ئۇ يەنە ھېللېسپونت (Hellespont) دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، بايزانتىيۇم (Byzantium)، زراس (Thrace) ۋە ماكېدونىيە (Macedonia)گە، شىمالدا ئىستېر (Ister) دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سكىتايا (Scythia)، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ بىۋاسىتە دون (Don، قەدىمدە تانايىس دەرياسى 〔Tanais〕دەپ ئاتالغان) دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ باسقان يوللىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئارىلىقتا باسقان مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1700 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 2700 كىلومېتىرغا تەڭ)غا يەتكەن. بۇنىڭدىن 2400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتلار ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، قاتناش ئەسلىھەلىرى تولىمۇ قالاق شارائىتتا، ئۇ خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئەتراپنى تەنھا كېزىپ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىينچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ ئۇلۇغ سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇ مەشھۇر قەدىمىي خارابىلەرگە بارىدۇ، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەكشۈرىدۇ، ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ۋە رەسمىي تارىخقا كىرگۈزۈلمىگەن ۋەقەلەرنى توپلايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ماتېرىيال توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماتېرىياللارنى رەتلەپ تەھلىل قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئىنتايىن مول بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كاتتا ئىلمىي ئەسىرى ___ ‹‹تارىخ››نى يېزىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

    تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 447-يىلى، ھېرودوت ئافېناغا كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئافېنانىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ ياخشى ئىدى، ئافېنا ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافېنا يەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى، ھەتتا گىرېتسىيە ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە دېڭىز-قۇرۇقلۇق قاتنىشى تۈگۈنىگە ئايلانغانىدى، ئافېنادىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغۇچىلار غايەت زور پۇللارنى ئىشلىتىپ ياغاچ-تاش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىنى بۇ يەرگە جەم قىلىدۇ، بارلىق قەلەمدارلار، يازغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئافېنا ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹گىرېتسىيەنىڭ مەكتىپى››گە ئايلىنىدۇ. ھېرودوت ئافېنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەزگىللەردە، ئەينى چاغدىكى ئافېنادىكى ‹‹1-پۇقرا›› پېرىكلېس (Pericles)، شۇنداقلا دىراماتورگ سوفوكلېس (Sophocles) قاتارلىق سىياسىي مۇنبەردىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەر ياكى جەمئىيەتتىكى مەشھۇر ئەربابلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىدۇ. ئۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شېئىرلارنى، ماقالىلەرنى يازىدۇ، سەھنىلەردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى خېلى كۆپ مۇكاپات پۇللىرىغىمۇ ئېرىشىدۇ.

    مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 443-يىلى، ھېرودوت باشقا مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئافېنانىڭ ئىتالىيەدە قۇرغان مۇستەملىكە شەھەر دۆلىتى ___ تۇرىيى (Thurii)غا كۆچۈپ كېلىپ، تۇرىيىنىڭ پۇقراسى بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەردە ئۇ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدۇ. ‹‹سۇيداس لۇغىتى››دە تىلغا ئېلىنغان ماتېرىياللاردا ئۇ ماكېدونىيەدە ۋاپات بولغان، دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل قاراشتا زۆرۈر ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس. ھېرودوتنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقىتىنى ھازىرچە تېخى ئېنىق بىر نېمە دېمەك قىيىن. بىراق، شۇنىسى چوقۇمكى، ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 425-يىلى ئۆزىنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ تۈگەتكەن ھەمدە كىشىلەرمۇ بۇ ئەسەردىن خەۋەر تاپقان. ‹‹سۇيداس لۇغىتى››دە يەنە ھېرودوتنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى تۇرىيىلىق دەپ ئاتىغانلىقى، بەزى كىلاسسىك يازغۇچىلارمۇ ئۇنى ‹‹تۇرىيىلىق ھېرودوت›› دەپ ئاتىغانلىقى قەيت ئېلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تۇرىيى ھېرودوت ئۈچۈن بىنا قىلغان قەبرە تېشىغا مۇنداق خەتلەرنى ئويدۇرغانمىش:

    بۇ قەبرىگە لۇكسېسنىڭ ئوغلى ھېرودوتنىڭ ئۇستىخانلىرى دەپنە قىلىنغان، ئۇ ئىئونىيە دىيالېكتىدا ئەسەر يازغان تارىخشۇناسلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى، ئۇ دولىسلارنىڭ دۆلىتىدە چوڭ بولغان، ئەمما ئۇ پىتنە-پاساتلاردىن يىراقراق تۇرۇش ئۈچۈن، تۇرىيىنى ئۆزىنىڭ ماكانى دەپ بىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏