چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بەزى كىچىك ۋە ئاجىز دۆلەتلەر خاتىرجەم بولالمغان. شۇ ۋاقىتتا يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتو، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو، ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى سوكارنو، مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى

خەنزۇچە نامى :不结盟运动

چەتئەلچە نامى :Non-Aligned Movement/NAM

قۇرۇلغان ۋاقتى :1961-يىلى9-ئاي

ئەزالىرى سانى :120

تور بېكتى :http://www.nam.gov.za/

تەرەققىيات تارىخى 

4پارچەئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بەزى كىچىك ۋە ئاجىز دۆلەتلەر خاتىرجەم بولالمىغان. شۇ ۋاقىتتا يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتو، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو، ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى سوكارنو، مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. 1961-يىلى9-ئايدا، يۇگوسلاۋىيىنىڭ بېلگراد شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىنغا 25 دۆلەت قاتناشقان. بۇ يىغىن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالغان. 70-يىللاردىن كېيىن، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز زورايغان. 1993-يىلىغا كەلگەندە، رەسمىي ئەزا دۆلەت 110 غا يەتتى. 1992-يىلى، جۇڭگو ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىكىنى قوبۇل قىلغان. ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر تەدرىجىي خەلقئارا سىياسىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏