چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1840- يىلىدىن 1842- يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش بىۋاستە ئەپيۈن مەسلىسى تۈپەيلىدىن پارتلىغان بولغاچقا ئەپيۈن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بىرىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :ئەنگىلىيە، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى

ئورنى :جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى

ۋاقتى :1840-يىلى 6-ئايدىن 1842-يىلى 8-ئايغىچە

نەتىجىسى :ئەنگلىيە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىپ، «نەنجىڭ شەرتنامىسى» ئىمزالاندى.

خەنزۇچە نامى :第一次鸦片战争

تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى

بىرىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىبۇ 1840- يىلىدىن 1842- يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ جۇڭگوغا  قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش بىۋاستە ئەپيۈن مەسلىسى تۈپەيلىدىن پارتلىغان بولغاچقا ئەپيۈن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.

18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئەتكەسچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئەتكەس قىلىپ كىرگۈزگەن ئەپيۈن مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ كۈمۈشلىرى كۆپلەپ سىرتقا ئېقىپ كەتكەچكە، كۈمۈش باھاسى ئۇچقاندەك تېز ئۆرلەپ خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالدى. 1838- يىلىنىڭ ئاخىرى پادىشاھ داۋگۇاڭ لىن زېشۈنى خان مۇپەتتىشى قىلىپ تەيىنلەپ، گۇاڭدۇڭغا ئەپيۇن چەكلەشكە ئەۋەتتى. لىن زېشۈ ئىككىنچى يىلى 6- ئايدا گۇاڭجۇدىكى خۇمىن دېڭىز ساھىلىدا 2 مىليون 300 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئەپيۈننى جامائەت ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئەپيۈننى چەكلەش ۋە كۆيدۈرۈشتەك ھەققانىي ھەرىكەت ئەنگىلىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا باھانە بولدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏