چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تومشۇق تاغ باغرىدا 2004-يىلى 10-ئايدا يېڭى بىر سەيلىگاھ _ قازانبۇلاق داچا ئارامگاھى قەد كۆتۈردى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قازانبۇلاق داچا ئارامگاھى

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تومشۇق تاغ باغرىدا 2004-يىلى 10-ئايدا يېڭى بىر سەيلىگاھ _ قازانبۇلاق داچا ئارامگاھى قەد كۆتۈردى. زۇمرەت سۇلىرى قىش-ياز ئېقىپ تۇرىدىغان، قۇيۇق ئورمانلىق ئارىسىدىكى بۇ ئارامگاھنىڭ ساپ ھاۋاسى، گۈزەل مەنزىرىسى، ئارامبەخش مۇھىتى، ساياھەت، سودا، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئەۋزەل شارائىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. قازانبۇلاق داچا ئارامگاھىنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 19 مىڭ 980 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنۋېرسال بىناسى، زىياپەت زالى، ساراي-ياتاق، سۇ ئۈستى ئايرىمخانىسى، تاغ قاپتىلى سەيلە راۋىقى قاتارلىق مۇلازىملىق سورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياتاق-سارايلارغا زامانىۋى تۇرمۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ياخشى ئارام ئالالايدۇ.  


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏