چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يارداڭلىق قۇمۇل قارادۆۋە بازىرىدا بولغاچقا، قارادۆۋە يارداڭلىق ساياھەت رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :يارداڭلىق

خەنزۇچە نامى :哈密亚尔丹风景区

باشقا نامى :قارادۆۋە يارداڭلىق ساياھەت رايونى

تەۋە رايون :جۇڭگو شىنجاڭ قۇمۇل

جۇغراپىيەلىك ئورنى :قومۇل شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى

 قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

5پارچەيارداڭلىقيارداڭلىق ئاساسەن يالانما ئوقۇر، سۈپەتسىز يەرلەر، موگوسىمان يالانما خادا تاش، ئالۋاستى شەھىرى ( شەيتانكەرىچ)، قىساڭ، ئويمان يەر ۋە چۆللۈكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قارادۆۋە يارداڭلىقى قومۇل شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 90 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا بولۇپ، قارادۆۋە بازىرىدا بولغاچقا، قارادۆۋە يارداڭلىق ساياھەت رايونى ، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ.

قومۇل قارادۆۋە يارداڭلىقى ئاسىيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يارداڭلىق بولۇپ، قۇم بارخانلىرى، يارداڭلىق گىرەلەشكەن، ئادەم ئايىغى باسمىغان چۆل ساياھەت مەنزىرە رايونى تىپىغا كىرىدۇ. كېچىلىرى قۇم بارخانلىرى ئەتراپىدا ئارام ئالغاندا غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏