چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كەنتتە، چىن شىخۇاڭ قەبرىسى تېخى قېزىپ ئېچىلمىغاچقا، قەبرىنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چىن شىخۇاڭ قەبرىسى

خەنزۇچە نامى :秦始皇陵

چەتئەلچە نامى :Mausoleum of the First Qin Emperor

تەۋە رايون :جۇڭگو شەنشى ئۆلكىسى

جۇغراپىيەلىك ئورنى :شىئەن شەھىرىنىڭ لىنتۇڭ رايونى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى 

5پارچەچىن شىخۇاڭ قەبرىسىچىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كەنتتە بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، كىچىك تاغقا ئوخشايدۇ. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى تېخى قېزىپ ئېچىلمىغاچقا، قەبرىنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

قورچاق ئەسكەر ئاتلار ئورىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى ئەتراپىدىكى 1 – نومۇرلۇق ئورەكتىن 500 دىن ئارتۇق قورچاق ئەسكەر، ئالتە جەڭ ھارۋىسى قېزىۋېلىنغان، ھەر بىر جەڭ ھارۋىسىغا تۆت ئات قوشۇلغان. ئاتنىڭ ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئاتلار بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، قۇلىقىنى دىڭ تۇتقان ھالەتتە تۇرغان. قورچاق ئەسكەرلەرنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 دىن 1.85 مېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوپالراق ماتادىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن، بەزىلىرى بولسا ساۋۇت ئارتىۋالغان، ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يېنىك جەڭ كىيىمى كىيگەن. 1979 – يىلى 1 – نومۇرلۇق ئورەكنىڭ ئۈستى يېپىلىپ ‹‹چىن شىخۇاڭ قورچاق ئەسكەرلەر – ئاتلار مۇزېي›› قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇ يەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلۋاتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏