چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لەنجۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 1 مىليون 399 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. خۇاڭخې دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 2010 – يىلىدىكى نوپۇسى 3 مىليون 616 مىڭ، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، جۇاڭزۇ، مياۋزۇ، تۇجياۋزۇ، يۈگۇزۇ (سېرىق ئۇيغۇر) قاتارلىق 36 مىللەت ياشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :لەنجۇ شەھىرى

خەنزۇچە نامى :兰州

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :گەنسۇ ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر

تەۋە رايون :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى

يەر مەيدانى :13 مىڭ 856 كۋادرات كىلومېتىر (2013)

نوپۇسى :3 مىليون 688 مىڭ 400 (2016)

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى

چەتئەلچە نامى :Lanzhou / Lanchow

تەرەققىيات تارىخى 

4پارچەلەنجۇ شەھىرىمىلادىدىن بۇرۇنقى 86 – يىلى ھازىرقى لەنجۇدا ئالتۇنبالىق(جىنچېڭ) ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە، لەنجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 1370 – يىلى لەنجۇ ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو دەۋرىدە لەنجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان، 1949 – يىلى 26 – ئاۋغۇست ھازىرقى لەنجۇ شەھىرى قۇرۇلغان. ھازىر لەنجۇ شەھىرىگە بەش رايون ، ئۈچ ناھىيە قارايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏