چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۈنجۈتلۈك تاتلىق ياڭيۇ قۇيمىقى تاتلىق ياڭيۇ، شېكەر، ھەسەل، ئۇن، قۇرۇق كىراخمال، ئېچىتقۇ، كۈنجۈت قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىندىغان بۇلۇپ، تەمى ناھايىتى يىيىشلىك.

كېرەكلىك ماتېرىياللار  

6پارچەكۈنجۈتلۈك تاتلىق ياڭيۇ قۇيمىقىتاتلىق ياڭيۇ 1 كىلوگىرام، شېكەر 100 گىرام، ھەسەل 100 گىرام، ئۇن 450 گىرام، قۇرۇق كىراخمال 200 گىرام، ئېچىتقۇ 1 بال قۇشۇق، كۈنجۈت 300 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى

1. تاتلىق ياڭيۇنى قاسقاندا ئېزىلگۈچە پىشۇرۇپ ئېلۋالىمىز. 

2. ئاندىن پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇنى مۇجۇپ ئېزىپ، شېكەر، ھەسەل، ئۇن، قۇرۇق كىراخمال، ئېچىتقۇ، قاتارلىق خۇرۇچلارنى رەت تەرتىپى بويىچە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ يۇمشاق خېمىر تەييارلايمىز. 

3. ئاندىن تەييارلانغان خېمىرنى يۇمىلاق زوۋلا ئۈزۈپ، كۈنجۈتكە مىلاپ كومىلاچ قىلىۋالىمىز.

4. قازانغا ماي قۇيۇپ، 4-5 دەرىجە قىزىغاندا كومىلاچنى ئالقان بىلەن بوشراق بېسىپ ياپلاق قىلىپ، قىزىغان ياغقا سېلىپ لەيلەپ چىققاندا ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏