چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېرىلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جاراھەت خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكى. تېرە كۆيدۈرگۈسىنىڭ سىرتقى شەكلى ئوتتا كۆيگەندەك توم قاقاچ پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە داۋالاشتا قىزدۇرۇلغان تۆمۈر بىلەن داغلاپ داۋالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆيدۈرگە دەپ ئاتىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :تېرە كۆيدۈرگۈسى

ئاساسلىق ئالامىتى :قول، يۈز، بىلەك، ئاياغ قاتارلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئەزالارنىڭ تېرىسىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

خەنزۇچە نامى :皮 肤 炭 疽

تەۋە بۆلۈم :تېرە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :قول،يۈز،بىلەك،پۇت.

سەۋەبى

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ توقۇلمىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولمىغاچقا، يات ماددا سۈپىتىدە يەرلىك ئورۇنغا چۆكمە بولۇپ چۈشۈپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ.

زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەبىئىتىدىكى ئۆتكۈر قۇرۇق ئىسسىقلىق خۇسۇسىيىتىدىكى چىرىتىش، نابۇت قىلىش، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا كۆپلەپ قۇيۇلۇپ يەرلىك ئورۇننى نابۇت قىلىپ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.

3. سەپرا خىلىتى كۆيۈپ غەيرىي تەبىئىي سەۋدانى پەيدا قىلىشتىن بولىدۇ.

نورمالسىز سەۋدا خىلىتى خۇسۇسىيىتىدىكى چۆكمىگە چۈشۈش، قاتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن تېرە قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە قوشۇمچە جاراسىملارنىڭ تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن يەرلىك ئورۇن تولۇلمىلىرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، چۆكمىگە چۈشۈپ توقۇلمىلارنى نابۇت قىلىشتىن بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏