چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش سەۋەبلىك يەرلىك ئورۇندىكى بەدەن تېرىسىدە ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەن زەھەرلىنىشلىك ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۆتكۈر تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :يىلان چېقىۋېلىش

خەنزۇچە نامى :蛇咬伤

كېسەللىك ھەققىدە

5پارچەيىلان چېقىۋېلىشزەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش سەۋەبلىك يەرلىك ئورۇندىكى بەدەن تېرىسىدە ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە ئومۇمىي بەدەن زەھەرلىنىشلىك ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۆتكۈر تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

ئۇ زەھەرلەش مېخانىزمىغا ئاساسەن نېرۋا زەھىرى؛ قان ئايلىنىشتىكى زەھەر؛ ئارىلاش زەھەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

نېرۋا زەھىرى

نېرۋا زەھىرى ئاساسەن سۇ يىلان ئائىلىسى بىلەن كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىدىكى يىلانلاردا بولۇپ ئاساسلىقى ئاق ھالقىلىق يىلان، سېرىق ھالقىلىق يىلان ۋە سۇ يىلىنى چېقىۋالغاندىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق كېسەل قوزغاش تەسىرى ئورگانىزمدا نېرۋا مۇسكۇلىنى توسۇش تەسىرىنى ھاسىل قىلىپ، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى پالەچلەندۈرۈپ، كۈندىلەڭ مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرۇپ پالەچلەندۈرىدۇ. باش، بويۇن مۇسكۇللىرىدىن تەدرىجىي كۆكرەك قوۋۇرغا ئارىلىق دىئافراگما مۇسكۇللىرىغا تەرەققىي قىلىپ، كۆكرەك قەپىسىنىڭ پائالىيىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ ئەتراپ نەپەسلىنىشنى پالەچلەندۈرىدۇ. ئادەتتە يىلان چېقىپ 3~1 سائەتتە باش قېيىش، پۇت − قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، شۆلگەي ئېقىش، كۆرۈش غۇۋالىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، ئاۋازى پۈتۈش، سۆزلىرى ئېنىق بولماسلىق، يۇتۇش قىيىنلىشىش، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، بوينى قېتىپ قېلىش، چىشلىرى كىرىشىپ قېلىشلار كۆرۈلۈپ، ئېغىرلىرىنىڭ نەپەسلىنىشى زەئىپلىشىپ، ھۇشسىزلىنىدۇ. ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما يىلان چېقىپ زەخىملەنگەن جاي يېنىك دەرىجىدە قولىشىدۇ. چاققان چىشنىڭ ئورنى كىچىك بولۇپ سىرغىما سۇيۇقلۇقلار بولمايدۇ.

قان ئايلىنىشتىكى زەھەر

بۇ ئاساسەن چار يىلان، چىپار يىلان، يېشىل يىلانلاردا بولىدۇ. چاققان يەر قاتتىق ئاغرىپ، روشەن ھالدا چىڭقىلىدۇ ھەمدە ئالامەتلەر پۇت − قوللارنىڭ يېقىن ئۇچلىرىغا دەرھال كېڭىيىدۇ. يەرلىك ئورۇن كەڭ دائىرىدە كۆكىرىپ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ ۋە چىرىيدۇ ھەمدە ئېرىگەن قان چاققان جايدىن ئېقىپ چىقىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ. زەھەر سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن قىزىپ، بىئارام بولۇپ، جۆيلۈپ، يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىزلىشىپ، تېرە شىللىق پەردىلىرى قاناپ، قان قۇسۇپ ۋە قانلىق تەرەت قىلىپ، بۇرنى قاناش قاتارلىق قاناش خاھىشلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا سېرىقلىق چۈشۈش، قان ئازلىق قاتارلىق قان ئېرىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلار قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش ۋە ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئارىلاش زەھەر

ئاساسەن چار يىلان، كۆز ئەينەكلىك يىلان قاتارلىقلار بولىدۇ. نېرۋا، قان ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ھەممىسىنى زەخىملەيدۇ. بەزىلىرىدە ئېغىرراق بولىدۇ. مەسىلەن، كۆز ئەينەكلىك يىلان چاققاندا نېرۋىنى، چار يىلان چاققاندا قان ئايلىنىشنى زەھەرلەشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا قوش كۆرۈش قاتارلىق نېرۋا ئالامەتلىرىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ چار يىلان چېقىشنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏