چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇغۇتتىن بۇرۇن، تۇغۇت ۋاقتىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ جىنسىي يولدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۇغۇتتىن كېيىن يەرلىك ئورۇندا ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىشى چىللە دەۋرىدىكى يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش

ئاساسلىق ئالامىتى :يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى 2 −، 3-كۈنلىرى كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :سىرتتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

خەنزۇچە نامى :产褥感染

تەۋە بۆلۈم :ئاياللار بۆلۈمى

تەبىرى

تۇغۇپ 24 سائەتتىن كېيىنكى 10 كۈنگىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچىگەندە، ئىككى قېتىملىق ئۆلچەشتە ℃ 38 دىن يۇقىرى بولۇش تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەلنى كۆپىنچە كونا ئۇسۇلدا تۇغۇت قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى ئېغىر قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار بولسا ئوكسىگېن قاچقۇچى زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى، ئوكسېگىن خۇمار جاراسىملار، قان ئېرىتكۈچى ئالتۇن رەڭلىك زەنجىرسىمان شارچە جاراسىمى، ئۈزۈمسىمان شارچە جاراسىمى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە جاراسىمى بولۇپ، كۆپىنچە ئوكسىگېنغا مايىل ۋە ئوكسىگېندىن قاچقۇچى جاراسىملار بىلەن ئارىلاشما ھالدا يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏