چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۈز تېرىسىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى ۋە رەڭگى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تېرە ئەسۋىسىدىن ئىبارەت.بۇ كېسەل ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «نەمەش» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :سەپكۈن

كېسەللىك سەۋەبى :قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.

تەۋە بۆلۈم :تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :يۈز قىسمى

سەۋەبى 

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان خىلىتى ئوفۇنەتلەنسە، چىرىگەن ماددىلارنىڭ قاندىكى مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۈزلۈكسىز غىدىقلاش، قويۇقلىشىش نەتىجىسىدە بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەمدىن بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۇنىڭ قىيامى قويۇلۇپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ھاسىل بولسا، نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تېرە توقۇلما سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ نورمال ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا كىرگەن ماددىلار ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قىلىپ تەدرىجىي قۇيۇلۇپ، چۆكمىگە چۈشۈش نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتى مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتسە، بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئاستىلىتىدۇ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتف سۇيۇق تەركىبلىرىنى قۇرۇتۇپ قويۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، بۇ نورمالسىز سەۋدا خىلىتى تېرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا يىغىلىپ، تەدرىجىي قويۇلۇپ، چۆكمىگە چۈشۈپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏