چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر قاتلىمى بوشاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئېغىر ئۆتىدىغان چوڭ قاپارتمىلىق تېرە كېسەللىكى بولۇپ كلىنكىدا ئاددىي تىپى، ئۆسۈپ كۆپىيىش تىپى، تۆكۈلۈش تىپى، قىزىل داغ تىپى قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :ئۈستۈنكى تېرە بوشىشىش تىپلىق تېرە كېسەللىكلىرى

خەنزۇچە نامى :天疱疮

تەۋە بۆلۈم :تىرە كېسەللىكلىرى

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

 سەۋەبى

 سەپرا خىلىتىغا سۇيۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ قوشۇلىشىدىن 

سارغۇچ سەپرا  ھەر خىل ئىچكى − تاشقى ئامىللار تەسىرىدە سەپرا خىلىتى تەركىبىگە سۇيۇق بەلغەم قوشۇلۇپ سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىلىت قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىدۇ. نەتىجىدە تېرە تىكەنلىك قاتلامدىكى ھۈجەيرە باغلىمىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن

بەلغىمى شوردىن پەيدا بولىدۇ

ھەر خىل ئىچكى − تاشقى ئامىللار تەسىرىدە بەلغەم تەركىبىگە ئۆتكۈر سەپرا خىلىتى قوشۇلۇپ، بۇ خىل نورمالسىز خىلىتىنى پەيدا قىلىدۇ − دە، قان ئېقىمى ئارقىلىق تېرىلەرگە تەسىر قىلىىپ سەپرانىڭ ئۆتكۈر غىدىقلىشى نەتىجىسىدە تېرىدىكى قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ھەيدەش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏