چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇستە يېغى دورا سۇس قۇڭۇر رەڭلىك مايسىمان سۇيۇقلۇق. ئاغرىق پەسەيتىش،پەينى چىڭىتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

دورا نامى :قۇستە يېغى

خەنزۇچە نامى :复方库斯特油 دورا سۇس قۇڭۇر رەڭلىك مايسىمان سۇيۇقلۇق.

چۈشەندۈرۈش

قۇستە يېغى  دورا سۇس قۇڭۇر رەڭلىك مايسىمان سۇيۇقلۇق. ئاغرىق پەسەيتىش،پەينى چىڭىتىش تەسىرىگە ئىگە بۇلۇپ سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىش،پالەچ ۋە بۇغۇم ياللۇغى كىسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالما شەكلى

ماي

تەركىبى 

قۇستە                 30g          ئاقىرقەرھا        12g  

فىلفىل                9g            پەرفىيۇن         9g  

قۇندۇز قەھرى         7g           زەيتۇن يېغى     150g  

ئاساسلىق دورىسى

قۇستە

ياسىلىشى 

قۇستە،ئاقىرقەرھا ۋە فىلفىلنى سوقۇپ ئىسپرتقا 24 سائەت چىلاپ ،سۇيۇقلۇقنىڭ يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ دورا سۇيىنى سۈزۈۋېلىپ، تىندۇرۇپ قايتا سۈزۈپ كۈنجۈت مېيى قوشۇپ سۇس ئوتتا ئىسپرتى پارلىنىپ بولغىچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرفىيۇننى يۇمشاق تالقانلاپ قوشۇپ قاينىتىپ بىر لىتىر رەۋغەن تەييارلىنىدۇ.

قاچىلاش ئۆلچىمى

ھەر بىر قۇتىغا(1)  30ml(2)  60ml (3)  100ml قاچىلىنىدۇ .


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏