چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇشتا «ئېغىز پۇرىقى» سەۋەپلىك بېشى قېتىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك،

كېسەللىك ھەققىدە

ئېغىز پۇراشتەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇشتا «ئېغىز پۇرىقى» سەۋەپلىك بېشى قېتىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك، ئېغىز پۇراشنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تاماقتىن پەرز تۇتۇپ ئورۇقلاش ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن تاماق يېيەلمىگەندە، ياكى ياشانغانلاردىكى شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاياللاردىكى ئاي كۆرۈش ۋاقتىدا ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش ھەم شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىش تۆۋەنلەش سەۋەبلىك، ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، شۇڭا ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ.

سەۋەبى 

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، قەھۋە ئىچىش ھەتتا دائىم سامساق، پىياز ، كۈدە قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان يېمەكلىكلەر، دۇفۇ، قاتارلىق سېسىق پۇراق بار يېمەكلىكىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىك ئېغىز پۇراش پەيدا بولىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى: چىشنى قۇرۇت يېيىش، چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يېپىشقاق پەردىسى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بار بىمارلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا باكتىريەلەر ئاسان پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتىريەلەر، ئاسانلا سۇلفىدلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چىرىگەن پۇراق چىقىرىدۇ، ۋە ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازان -ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى: ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئىقتىدار خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندىن بۇيان يەنە نۇرغۇنلىغان بۇرمىسىمان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئېغىز پۇراش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بايقالدى، ئەمما يىلتىزدىن داۋالىغاندىن كېيىن، ئېغىز پۇراش كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، سەۋەبى بەلكىم بۇرمىسىمان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا بىۋاستە سۇلفىدلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللاردىكى ئېغىز پۇراش: بەزى ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس، جىنسى ھورمون ئىقتىدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاندا، ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاسانلا يۇقۇملۇق باكتىريەلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتقۇچى دورىلار، مەسىلەن بەزى تىنىچلاندۇرۇش دورىلىرى، قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ئاتروپىن تۈرىدىكى دورىلار، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار شۇنداقلا تېمپېراتۇرا تولۇقلاش خاراكتېردىكى دورىلار.

قەنت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قىتوندىن زەھەرلىنىشى، جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەش شۇنداقلا بەزى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى مەسىلەن، كانايچە ياللۇغى، كانايچە كېڭىيىش، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارمۇ ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مەزگىللىك قەۋزىيەت، بەدەن ئىچىدە ھاسىل بولغان زىيانلىق ماددىلارنىڭ ۋاقتىدا چىقىرىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلار قانغا سۈمۈرۈپ، ئېغىز پۇراش، قورساق ئىسىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

كەچلىك تاماقنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى، زىيادە تويۇپ يېيىش ياكى گۆش، ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، مايسىز تاماقنىڭ ئاز بولۇشى، كەچلىك تاماق بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقىنىڭ قىسقا بولۇشى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئاشقازاندا يەنە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار..

روھى بېسىمنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى، دائىمىي خاراكتېرلىك جىددىيلىشىش سىمپاتىك نىرۋىلارنىڭ دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنكاس خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش بەزلىرى پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، ئېغىز قۇرغاقلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدۇ.

روھىي ئامىللار، ئەسلىدە ئېغىز پۇراش يوق بولۇپ، دوختۇر ۋە باشقىلارمۇ پۇرىيالمايدۇ، ئەمما بىمار ئۆزى ئۆز ئېغىزىنىڭ پۇرىغانلىقىنى پۇرىيالىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە باشقىلارنىڭ دائىم ئۆزىدىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۆزى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىغانلىقىنى، گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىدىن يىراق قاچىدىغانلىقىنى، بۇرنىنى تۇتۇپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى «بايقىغان» ، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىز پۇرىقىنى پۇراپ، ئۆز يۈزىنى ئاياپ، پەقەت «بۇرنىنى تۇتۇپ، ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرگەن» دەپ قارايدۇ، بۇلار سەپرا مىجەز بولۇپ، ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ، گۇمانخورلۇق خاراكتېرلىك نېرۋا كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏