چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سوزاپ بولسا ئۆسۈملۈك سوزاپنىڭ پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ ،قىزارتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سوزاپ

ئەرەبچە نامى :سوزاب

پارسچە نامى :بەرگى سوزاب

ئىنگلىزچە :Common Rue

ئوردۇچە نامى :تىتلىكى شاخ

تونۇش :ئۆسۈملۈك سوزاپنىڭ پۈتۈن چۆپى

جىسمى :ناھايىتى پۇراقلىق

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى 

سوزاپ  بولسا سوزاپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سوزاپنىڭ پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ،ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىرگە يېتىدۇ ، پۈتۈن كۆچىتى تۈكسىز ، يۇپۇرمىقى ئۇششاق ۋە يۇمىلاق،  رەڭگى سېرىق، مېۋىسى 4 ~ 5 دانە بولۇپ ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.ناھايىتى پۇراقلىق،6-7-ئايلاردا  پۈتۈن ئۆسۈملۈكىنى يىغىۋېلىندۇ.ئېلىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏