چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەنجىۋىل شامىخۇشلۇق كەلتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەر ئاغرىقىنى توختىتىش، يەل تارقىتىش، تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، يەل تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :زەنجىۋىل شامى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :土木香 tu mu xiang

ئىنگلىزچە :Elecam Paneinularcot

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

تونۇش 

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قارا ئەندىز بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «راسەن» ياكى «زەنجىۋىل شامى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىلتىزنىڭ سىرتقى يۈزى كۈل رەڭگە مايىل خورمارەڭ، پۇرىقى خۇش پۇراق، تەمى سەل ئاچچىق ۋە قېرىق بولۇپ، ئۇرۇقى زاراڭزىغا ئوخشايدۇ، بىرئاز ياپىلاق، گۈلى كۆككە مايىل كېلىدۇ.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، خېبىي، خېنەن، جياڭشى، گەنسۇ، سىچۈەن، ياۋروپا، پەنجاپ، رۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

خىميىۋىلىك تەركىبى

يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي %3 ~1 نى ئىگـىلـەيدۇ، ياغـنـىڭ ئاسـاسىي تەركىـبـى ئالانـتـولاكـتـون، خېلىـنـىن (Alantolactone, Helenine)، ئېزوئالانـتـولاكتـون (Iso Alantolac tone)، دىـھىـدروئالانـتـولاكتـون (Dihydroalantalacton)، دىـھىـدرو ئىـزوئالانـتـولاكـتـون (Dihydroisoalantolactone)، راسـەن كىـسـلاتاسـى (Alantic acid)، ئالانـتـول (Alantol ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏