چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شادىنەج كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شادىنەج

خەنزۇچە ئاتىلىشى :血石 xue shi

ئەرەبچە نامى :ھەجىرولدەم

پارسچە نامى :شادىنە

ئوردۇچە نامى :شادىنەج

ۋاقتى :ھەر ۋاقىت

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

تونۇش

ماش ياكى نوقۇت چوڭلۇقىدىكى يۇمىلاق ياكى ياپىلاق، رەڭگى قىزىل، سېرىق كۈل رەڭ، قارىغا مايىل، كۆكنارنىڭ رەڭگىدە ياكى ئالىيېشىل ھەر خىل رەڭدە بولىدىغان. ئاسان ئېزىلىدىغان بىر خىل تاش  ئۇنىڭدىن باشقا شادىنەجنىڭ قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغاچقا «قان توختىتىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەنە كۆپىنچە تۇر تېغىدىن چىقىدىغان بولغاچقا «تۇر تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سۈپىتىنى ئېنىقلاش 

بۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى ماش شەكىلدە رەڭگى قىزىل كەلگىنىدۇ. مۇشۇنداق كەلگىنى «شادىنەج مىسرى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ ناچىرى كۈل رەڭدە كەلگىنى بولۇپ، بۇ «شادىنەج ھىندى» نامىدا دورىغا ئىلىتىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

تاش جىسمى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تۆمۈر ئوكسىد، تۆمۈر   %70  Pb,Ca,Ar,Al, Sic30% O2 قاتارلىقلار بار. 

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سۇپۇپى سەنگى جاراھەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏