چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فىروزە گۆھەر تاشلىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ، باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت، ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغىنى ھەجمى چوڭراقى بۇلۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، كۇرۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :فىروزە

خەنزۇچە ئاتىلىشى :绿松石

ئىنگلىزچە :Tircois

چىقىش ئورنى :كانادا، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە سوغۇق، ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق.

باشقا نامى :فىيروزەج (ئە)؛ پيرۇزە (پ)؛ بەرگ ، تەمەن (ئو).

چۈشەندۈرۈشى

فىروزەفىروزە كۆك ياكى يېشىل رەڭلىك، ساپ، سۈزۈك، تىنىقسىز، ئېسىل، ئەتىۋار بىر خىل مىنېرال ماددا. ئۇ ھازىر خەلقئارادا ئەڭ ئېسىل زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولغان گۆھەر تاشلىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ، باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت، ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغىنى ھەجمى چوڭراق، رەڭگى تەكشى، سۈزۈك، دۇغسىز كەلگىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ. كلاسسىك تېببىي كىتابلاردا فىروزىگە ئىپارنىڭ پۇرىقى تەسىر قىلسا ياكى ياغلىق نەرسە تەگسە، سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقى، شۇڭا بۇلار بىلەن بىرگە قويماسلىق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. كانادا، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏