چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق ئالما يەرلىك سورت بۇلۇپ، دەرىخى ئېگىز، دائىرلىك، كېڭىيىپ، كېرىلىپ ئۆسىدۇ، مېۋە شاخچىلىرى قېلىنراق، يوپۇرمىقى ئوتتۇرا ھال كەڭلىكتە بولىدۇ. بۇ سورت 5-6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ، 8-ئايدا پىشىدۇ.

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

ئاق ئالما يەرلىك سورت بۇلۇپ، دەرىخى ئېگىز ، دائىرلىك ، كېڭىيىپ ، كېرىلىپ ئۆسىدۇ ، مېۋە شاخچىلىرى قېلىنراق ، يوپۇرمىقى ئوتتۇرا ھال كەڭلىكتە بولىدۇ . بۇ سورت 5-6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ ، 8-ئايدا پىشىدۇ . 

شەكلى

مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق ، ساپاق تەرىپى چوڭ ، چېچەك تەرىپى يېغىنچاق كېلىدۇ . بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 135 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ ، پوستى ئوتتۇرا قېلىنلىقتا بولۇپ ، رەڭگى پارقىراق ، ئېتى چىڭ ، چۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، شېرىن ، سۇلۇق ، خۇشبۇي ، مېۋە ساپىقى ئوتتۇراھال ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . 

سورت ئالاھىدىلىكى

بۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ، مېۋىسى يۆتكەشكە چىداملىق ، دەرىخى سوغۇققا ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتقا چىداملىق سورت .

شەكلى

مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق ، ساپاق تەرىپى چوڭ ، چېچەك تەرىپى يېغىنچاق كېلىدۇ . بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 135 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ ، پوستى ئوتتۇرا قېلىنلىقتا بولۇپ ، رەڭگى پارقىراق ، ئېتى چىڭ ، چۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، شېرىن ، سۇلۇق ، خۇشبۇي ، مېۋە ساپىقى ئوتتۇراھال ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏