چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىزىل قاچار ئۆرۈك ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كۆپىرەك تارقالغان ، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . بۇ سورت توشۇشقا ۋە ساقلاشقا چىدامسىز .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

قىزىل قاچار ئۆرۈك ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كۆپىرەك تارقالغان ، بۇ سورت توشۇشقا ۋە ساقلاشقا چىدامسىز .  6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . 

دەرىخى 

دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، يىتىلگەن دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، دەرەخ تاجى 3 مېتىر ، مېۋە تۆكۈلۈشى ئاز ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال.

مېۋە شەكلى ۋە تەمى 

مېۋىسى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 3.6 * 3.7 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە يەككە مېۋە ئېغىرلىقى 37.6 گرام ، سىرتقى يۈزى قىزغۇچ سېرىق ، كۈن تەگكەن تەرىپى قىزىل ، تۈكسىز پارقىراق ، پوستى ئېتىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، ئەت رەڭگى ئاق سېرىق ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 1 سانتىمېتىر ، چىڭ ، تالاسى كۆپ ، شىرنىلىك تاتلىق ، پۇراقسىز ، قەنىت مىقدارى % 14.2 ، بەكرەك پىششىپ كەتسە قەنىت مىقدارى % 19 كە يىتىدۇ ، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ، مېغىزى تاتلىق ، مېغىز چىقىش نىسبىتى % 100 .


دەرىخى 

دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، يىتىلگەن دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، دەرەخ تاجى 3 مېتىر ، مېۋە تۆكۈلۈشى ئاز ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏