چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان. تۆت ئاساسى ماددا تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تىبابىتىدە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :ئوت

خەنزۇچە :

تۈرى :تىبابەت نەزىرىيىسى

تەبىئىيتى :قۇرۇق ئىسسىق

ئوت ھەققىدە

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇتلەق يەڭگىل جىسىمدۇر، چۈنكى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇنىڭ زىچلىقى ناھايتى كىچىك بولۇپ، يەرشارى ۋە باشقا سەييارىلەرنى ئوراپ تۇرغان ھاۋانىڭ زىچلىقىدىنمۇ كىچىك بولغاچقا، شۇ ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «ئەل قانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە، « ئوت ئاددىي جىسىمدۇر، تەبىئىي ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ئورۇننىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئوتنىڭ ئورنى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شۇنداق بىر پېتىنقى يۈزىدە بولۇپ. ۋۇجۇتقا كېلىش ۋە يوقىلىش ئورنى شۇ يەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇندا بولىشى ئۇنىڭ مۇتلەق يەڭگىللىكىدىندۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق » دېيىلگەن .

ھەكىم سۇلتان ئەلى ئۆزىنىڭ  «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە ئوت توغرىسىدا توختىلىپ، «ئوت يىگانە جىسىم بولۇپ ئورنى ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايتى شالاڭ ۋە رەتسىز دۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ تەسىرىدە پىشىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن باشقا جىسىملارغا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سوغۇقلىقى ئوتنىڭ تەسىرىدە تەڭشىلىدۇ» دەپ بايان قىلغان،

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏