چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىگىر بولسا چايان ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاش ئېگىر بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزسىمان غولى «ئېگىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مېڭىنى تازىلاش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۈچەي مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىگىر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :水菖蒲

ئىنگلىزچە :Tatarinow Sweetflog Rhizome

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىق.

باشقا نامى :ۋەج(ئە)، ئىگىر تۈركىي (پ)، ۋەرچ (ئو)

چۈشەندۈرۈشى 

ئىگىرئىگىر بولسا چايان ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاش ئېگىر بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزسىمان غولى «ئېگىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ توم يوغان شاخچىلىرى ئاز يىلتىز بولۇپ، سىرتقى يۈزى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ.

ياز ۋە كۈزدە كولاپ ئېلىپ قالدۇق غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى، چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ يۇيۇپ قۇرۇتۇلۇپ سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ، يەنە ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏