چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاش بادام جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كورلا ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ، قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ .

سىرتىقى شەكلى 


تاش بادام تۈردىكى بادامنىڭ چېچەكلەش ۋاقتى بەزىلىرىنىڭ بالدۇر بەزىلىرىنىڭ كېيىن بولىدۇ ، چېچىكى ئاق ھەم سۇس ئاق رەڭدە ئاتىلىق بوينى بىلەن ئانىلىق بوينى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . مېۋىسى ئوتتۇرا مەزگىلدە ۋە كىيىن پىشىدىغانلىرى بولىدۇ ، مېۋە شەكلى شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ھەرقايسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەتتە ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 0.26 - 0.31 سانتىمېتىر ، مېغىز چىقىش نىسبىتى %31 - 23 بولىدۇ ، ئۇرۇقچىسى ئالاھىدە قاتتىق مېۋىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى جەھەتتە سورتلار ئارا پەرىقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ ، كۆپىنچە سورتلىرىنىڭ چوڭ بولىدۇ . 

سورتلىرى

 تاش بادام سورتلىرى چوڭ بادام ؛ تاش بادام ؛ قوش مېغىزلىق تاش بادام ( قوشماق تاش بادام ) ؛ ئۇزۇنچاق تاش بادام ؛ ئاي شەكىللىك تاش بادام ( يۇمىلاق بادام ) ؛ كىچىك تاش بادام ( كىچىك تاش بادام ) قاتارلىق سورتلىرى بار.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏