چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يىلان قاسرىقى بولسا سىرلىق باش يىلان، ئاق يەر يىلىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا يىلانلارنىڭ تاشلىغان قۇرۇق تېرە قاسرىقى بۇلۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش تەسىرگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يىلان قاسرىقى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蛇蜕

ئەرەبچە نامى :سەلىخولھەييە

پارسچە نامى :پوستى مار

ئىنگلىزچە :Snake slough

ئوردۇچە نامى :سانىب كى پوسىت

شەكلى :سىلىندىر شەكىللىك، يېرىم سۈزۈك بولىدۇ. دۈمبە تەرىپى كۈل رەڭ، كۈمۈش رەڭلىك

جىسمى :پۇرىقى بىر ئاز بەتبۇي كېلىدۇ.

چىقىش ئورنى :شىنجاڭدىن، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.

چۈشەندۈرۈشى 

يىلان قاسرىقىيىلان قاسرىقى بولسا  سېرىق باش يىلان ئائىلىسىدىكى ھايۋان  سىرلىق باش يىلان بۇلۇپ،، ئاق يەر يىلىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا يىلانلارنىڭ تاشلىغان قۇرۇق تېرە قاسرىقى ، سىلىندىر شەكىللىك، يېرىم سۈزۈك بولىدۇ. دۈمبە تەرىپى كۈل رەڭ، كۈمۈش رەڭلىك، پۇرىقى بىر ئاز بەتبۇي كېلىدۇ. بىر يىلنىڭ ھەممە ۋاقتىدا يىغىۋالغىلى بولىدۇ، 10 ~ 4 ئايلار مەزگىللىرى ئەڭ كۆپ يېغۋىلىنىدۇ، شىنجاڭدىن، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ. 

خاس تەسىرى

 ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش

ئەكىس تەسىرى

كۆزگە زىيان قىلىدۇ ھەم تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏