چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كرېمل سارىيى

خەنزۇچە نامى :克里姆林宫

ئىنگىلىزچە نامى :Moscow Kremlin

رۇسچە نامى :Московский Кремль

جۇغراپىيىلىك ئورنى :رۇسىيە مۇسكۇۋا

سېلىنغان ۋاقتى :1256-يىلى

چۈشەنچە

14پارچەكرېمل سارىيىكرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتى كېلىدۇ. سارايغا تۆت دەرۋازا ۋە 19 دانە قوڭغۇراق مۇنارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى 12-ئەسىردىكى موسكۋا كېنەزى دورگېلىك ياغاچتىن سېپىل ياسىتىپ سالغان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەۋزەل سەنئەت ئاساسى 1485-يىلىدىن 1495-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتالىيىلىك بىناكارلىق ئۇستىلىىرى سالغان چېركاۋنى چۆرىدەپ بارلىققا كەلگەن. روسىيە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كىرىمىل سارىيى پادىشاھلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى بولۇپ كەلگەنلىكتىن كىرىملىن سارىيى يەنە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏