چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق سويما قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا ۋە ساقلاشقا چىدامسىز .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

ئاق سويما قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ يوپۇرغا رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 342 سانتىمېتر ، توملۇقى 1.1 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئوتتۇاھال ،  پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 86 - 91 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 1.7 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا ۋە ساقلاشقا چىدامسىز .

سىرتىقى شەكلى 

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ بەشىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىنىڭ چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 38 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق .

مېۋىسى 

مېۋىسى ئېللىپىس شەكىللىك ، دىئامېتىرى 14.9 * 17.9 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى بوز رەڭ ، ئۈستىدە سۇس سېرىق داغ ۋە 10 تال ئوتتۇراھال تىلىم ئىزى شەكىللەندۈرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.4 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.1 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاقۇچ يېشىل ، شىرنىلىك تالاسى ئاز ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق ، قەنت مىقدارى %12.8 - 8.2 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.53 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنڭ ئېغىرلىقى 63.6 گرام كېلىدۇ 0.53 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنڭ ئېغىرلىقى 63.6 گرام كېلىدۇ . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏