چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالا بەگزادە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

ئالا بەگزادە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 359 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر كېلىدۇ ، شاخلىنىشى كۈچلۈك ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يىتىلىش ۋاقتى87 - 105 كۈن ئەتراپىدا،پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى2.9 كىلوگرام كېلىدۇ، بۇ خىل سورت توشۇشقا ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .  

سىرتىقى شەكلى

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ سەككىزىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ توققۇزىنچى بوغۇمىدىن چىققان ، يان پىلەكىنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ ، ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 39 - 49 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۇلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئالا بەگزادە قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىس شەكىللىك ، دىئامېتىر 14.9 *31.2 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا ، مېۋە شاپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سۇس سېرىق ، ئۈستىدە سۇس يېشىل داغ ۋە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.45 سانتىمېتىر، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3.3 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق ، شىرنىلىك تالاسى ئاز ، تەمى تاتلىق ، قەنت مىقدارى %14.5 - 11.7 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇرۇقى ، ئۇزۇنلۇقى 1.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.54 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 64.5 گرام كىلىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏