چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بەك تونى قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن ، كېرىيە ، نىيە رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

بەك تونى قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن ، كېرىيە ، نىيە رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 4 كىلوگرام كېلىدۇ ،  بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .

سىرتىقى شەكلى 

بەك تونى قوغۇننىڭ شەكلى كالتەكسىمان ، دىئامېتىرى 15.5 *40 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سۇس سېرىق، يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.8 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 4 سانتىمېتىر ، رەڭگى سۇس يېشىل ، شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال ، ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.63 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.57 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 87 گرام كېلىدۇ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏