شازاندىرا(ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شازاندىرا شاكال بەدىيان ئائىلىسىدىكى ياغاچسىمان پېلەك غوللۇق يۇپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، شازاندىرانىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شازاندىرا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :五味子

تارقالغان رايونلار :خېيلوڭجياڭ، جى لىن، لىياۋ نېڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، شەنشى، نىڭشيا، گەنسۇ، شەندۇڭ

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :شاكال بەدىيان تۈركۈمى

ئائىلىسى :شاكال بەدىيان ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :شازاندىرا ئۇرۇقدىشى

كەنجى سىنىپى :ماگنولىيە كەنجى سىنىپى

كەنجى ئۇرۇقدىشى :ئاز چاڭدانلىق شىزاندارا كەنجى ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Schisandra chinensis

خەنزۇچە نامى :玄及、会及、五梅子、山花椒、 壮味、五味、 吊榴

سىرتقى شەكىلى

9پارچەشازاندىراشازاندىرا يۇپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچسىمان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، يۇمران يوپۇرماقلىرىنىڭ سىرتىدا يۇمشاق تۈكلۈك؛ يۇمران شاخلىرى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، كونا شاخلىرى كۈل رەڭ قوڭۇر ، يوپۇرمىقى نېپىز، سوقىچاق ، ياكى يۇمىلاقراق، ئۇزۇنلۇقى 3 - 14 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى  2 - 9 سانتىمېتىر ، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، يۇپۇرماق قىرغاقلىرى ھەرە چىشىسىمان؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1-4 سانتىمېتىر ، ئاتىلىق گۈل چېچەك سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى  4-8 سانتىمېتىر ، ئوتتۇر بۈلىكىنىڭ ئاستى قىسمى سايمانلىرى تار تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولىدۇ، گۈل يېپىنچە ياپراقچىلىرى ئاق ياكى ھال رەڭ، شەكلى سوقىچاق ياكى ئېللىپسسىمان سوقىچاق ، ئۇزۇنلۇقى 6-11 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر.

غۇژمەك مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5-8.5 سانتىمېتىر، مېۋە سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.5 - 6.5 سانتىمېتىر؛ مېۋىسى كىچىك شىرنىلىك، قىزىل رەڭلىك ، شارسىمان ياكى تەتۈر تۇخۇمسىمان شەكىلدە ، دىئامېتىرى 6-8 مىللىمېتىر، مېۋە پوستى نىپىز  . 2-تال ئۇرۇقى بار، 4-5 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5 - 3 مىللىمېتىر، ئاچ قوڭۇر رەڭلىك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏