چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي بولسا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىدىغان پەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئىچكى كېسەللىك ئىلمى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :维吾尔医内科学

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Uighur Medicine Department of Internal Medicine

چۈشەندۈرۈش

ئىچكى كېسەللىك ئىلمىئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي بولسا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىدىغان پەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولسا ئادەم ئورگانىزمدىكى ھەرقايسى ئەزالاردا يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن باشقا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش ئارقىلىق كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇش، توغرا داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇش ئارقىلىق بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قوتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەتقىق قىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏