چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فىزىكىدىكى بېسىم ئىككى جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش يۈزىدە يۈز بەرگەن تەسىر كۈچنى كۆرسىتىدۇ، ياكى گاز جىسىمنىڭ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچى ياكى سۇيۇقلۇق قاتتىق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، مېخانىكا ۋە كۆپ قۇرۇلۇش پەن ساھەسىدە «بېسىم» دېگەن سۆز بىلەن فىزىكا ئىچىدىكى بېسىم كۈچى ئوخشاش مەنىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :بېسىم

خەنزۇچە ئاتىلىشى :压力

چەتئەلچە ئاتىلىشى :pressure

فورمۇلاسى :F=PS

ئەمەلىي پەن :فىزىكا

پەيدا بولۇش مېخانىزمى 

قاتتىق جىسىم يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېلاستىكلىق شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر، تېگىشىش كۈچى دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇيۇق ۋە گاز يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېغىرلىق كۈچى ۋە مولېكۇلا ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى. 

بېسىم يۆنىلىشى ئادەتتە جىسىملارنىڭ تېگىشىش يۈزىگە  تىك بۇلىدۇ. ئەگەر كۆزىتىلگەن بېسىم يۆنىلىشى بىلەن تېگىشىش يۈزى تىك بولمىسا، ئادەتتە بۇ بېسىم ۋە سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىندۇر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏