چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەلەمپۇر دۇنيادا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئەمما پەقەت ئىسسق بەلباغدىكى ئاز قىسىم رايونلاردىلا ئۆستۈرۈلىدىغان دورىلىق گۈل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىز بىلىدىغان قەلەمپۇر دورا–دەرمىكى گەرچە سېرىنگۈل تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بولسىمۇ ھەممىلا سېرىنگۈلدىن قەلەمپۇر ئالغىلى بولىۋەرمەيدۇ. قەلەمپۇر ۋە قەلەمپۇر دورا–دەرمىكى ياسىلىدىغان دەرەخلەر، سېرىنگۈل ئائىلىسىدىكى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆسۈملۈكلەردۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەلەمپۇر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :紫丁香

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :قايرىلما گۈللۈكلەر تۈركۈمى

ئائىلىسى :كەركىدانگۈل ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :قەلەمپۇر ئۇرۇقدىشى

تۈرى :سۆسۈن گۈللۈك قەلەمپۇر

كەنجى سىنىپى :بىرلىشىپ ئۆسكەن گۈل تاجلىقلار كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كەركىدانگۈل كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :كەركىدانگۈل كەنجى ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Syringa oblata Lindl.

باشقا نامى :丁香、百结、情客、龙梢子、华北紫丁香,紫丁白

سىرتقى شەكىلى

قەلەمپۇرقەلەمپۇر چېچىكى-يەنى سېرىنگۈل دۇنيادا ئەتىرگۈلدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان گۈلدۇر. تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كەسمە چېچەك قەلەمپۇرى يېتىشتۈرۈلىدۇ. ھەر خىل تۇپراقتا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئائىلىدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، يىل بويى چېچەكلەيدۇ ۋە باھاسى مۇقىم. پايدا يارىتىش، ئېكىسپورت ئىمكانىيەتلىرى قەلەمپۇر يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەلەمپۇر چېچەكلىرى ئۆلچەملىك ۋە پۈركۈلگەن بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆلچەملىك قەلەمپۇرنىڭ چېچەك سېپى ئۇچىدا يالغۇز ۋە چوڭ بىر گۈل بولىدۇ. پۈركۈلگەن تۈرىدە بولسا، بىر چېچەك سېپىدا بىردىن كۆپ چوڭ ۋە ئۆلچەملىككە قارىغاندا كىچىك بولغان گۈللەر بولىدۇ. قەلەمپۇر يېتىشتۈرگۈچىلەر بازار ئېھتىياجىغا كۆرە تۈرلەرنى تاللايدۇ. غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى پۈركۈلگەن، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆلچەملىك تۈرلەرنى ياخىشى كۆرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏