چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مانگو ھىندىستاندىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋە تىروپىك بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ «پادىشاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن مېۋىدۇر. مانگو كېسىلگەندە چىقىدىغان خۇشپۇراق، بۇ مېۋىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ياخشى كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مانگو

خەنزۇچە ئاتىلىشى :杧果

تارقالغان رايونلار :ھىندىستان، بېنگال، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، مالايسىيا ۋە جۇڭگو

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ساپىندۇس دەرىخى تۈركۈمى

ئائىلىسى :سىر دەرىخى ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :مانگو ئۇرۇقدىشى

تۈرى :مانگو تۈررى

كەنجى سىنىپى :دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :سىر دەرىخى كەنجى تۈركۈمى

لاتىنچە نامى :Mangifera indica L.

باشقا نامى :马蒙、抹猛果、莽果、望果、蜜望、蜜望子、莽果

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

11پارچەمانگوبەزى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدە مانگو دەرىخىنىڭ مېۋىلىرى توي مۇراسىمى، يول بويلىرى ۋە ئۆيلەرنى بېزەشتە، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋە دىنىي ئايەملەردە قوللىنىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە مانگو دەرەخلىرى بېزەش ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈلمەكتە. مانگو ھىندىستان، پاكىستان ۋە فىلىپپىنلىقلارنىڭ مىللىي مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دەرىخى بولسا، باڭلادىشنىڭ مىللىي سىمۋولى. ھىندۇزىمدا سويۇلغان مانگو تاكامۇللۇقنىڭ سىمۋولىدۇر. مانگو نەقىشلىرى ھىندى توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ ھىندى ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولغان شارپىلىرىنىڭ زىننىتىدۇر. مانگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن ۋە مانگو شېئىرلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغان. ئاۋسترالىيەدە بولسا، پەسىلنىڭ تۇنجى مانگو مېۋىلىرى ئەنئەنە بويىچە ياردەم مەقسىتىدە «كىم ئارتۇق» قىلىنىپ سېتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏