چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نەغەزگۈلى ئاساسەن ياۋروپانىڭ جەنۇبى، ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە ياپونىيىلەرگە تارقالغان. جۇڭگونىڭ ئاساسەن تەيۋەن، گۈيلىن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :نەغەزگۈل

خەنزۇچە ئاتىلىشى :萱草

تارقالغان رايونلار :ئەسلىي ماكانى جۇڭگو، سىبېرىيە، ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۈلسامساق تۈركۈمى

ئائىلىسى :پىيازگۈل ئائىلىسى، گۈلسامساق ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :نەغەزگۈل ئۇرۇقدىشى

تۈرى :نەغەزگۈل

كەنجى تۈركۈمى :گۈلسامساق كەنجى تۈركۈمى

لاتىنچە نامى :Hemerocallis fulva (L.) L.

باشقا نامى :黄花菜,金针菜、鹿葱、川草花、忘郁、丹棘等

سىرتقى شەكىلى

14پارچەنەغەزگۈلى نەغەزگۈلى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ئېگىزلىكى 60-100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، بىر تۈپتە ئادەتتە 6-10 غىچە گۈل بولىدۇ، يازدا ئېچىلدۇ، گۈلى يوغان دىئامىتېرى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. 


نەغەزگۈلى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، ئېگىزلىكى 60-100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يىلتىزسىمان غولى توم، قىسقا، گۆشلۈك تالا يىلتىز، ئۇرچۇقسىمان كۆپ ساندىكى تار ئۇزۇن ئىللىپىسسىمان بولىدۇ. غۇژمەك يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، تېمىنسىمان شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلىغى 30 ~ 60 سانتىمىتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر، ياز پەسلىدە تۇخۇم سېرىقى رەڭ چوڭ گۈللۈك، گۈل شېخى يوپۇرمىقى ئۇزۇن؛ كونۇس شەكىللىك گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، بىر تۈپتە ئادەتتە 6-12 غىچە گۈل بولىدۇ، گۈل سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر، كىچىك خەنجەر شەكىللىك ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بار؛ گۈل ئۇزۇنلىقى 7 ~ 12 سانتىمېتىر، گۈل قېپىنىڭ تۈۋى قىسمى توم، قىسقا، ۋارونكىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر، گۈل يېپىنچىسى ئالتە تال، سىرتىغا يۆگەلگەن ئۈچ ياپرىقى بولۇپ، 1-2 سانتىمىتىر، ئىچىدە ئۈچ تال ئازراق دولقۇنسىمان گىرۋەكلىك بولۇپ، كەڭلىكى 2.5 سانتىمېتىر، ئاتىلىقى 6 دانە بولۇپ، گۈل يىپى ، گۈل يېپىنچىسى بوغۇز قىسمى ئۇزۇن ئۆسىدۇ؛ گۈل تۈگۈنچىكى ئۈستىدە بۇلۇپ، ئانىلىق بوينى ئىنچىكە ئۇزۇن، گۈلى يازدا ئېچىلدۇ، گۈلى يوغان دىئامىتېرى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. 
يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏