چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش موگۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تەنچىسى بىلەن تەختلىك گەۋدىسى دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى بولسا ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى، ئۇرۇقى بولسا كۆپىيىش ئەزاسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :موگۇ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蘑菇

چېگرا :زەمبۇرۇغلار دۇنياسى

كەنجى تىپى :قالپاقلىق زەمبۇرۇغ كەنجى تىپى

سىنىپى :بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى

كەنجى سىنىپى :بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :قالپاقلىق زەمبۇرۇغ ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :موگۇ كەنجى ئەترىتى

ئائىلىسى :موگۇ ئائىلىسى

ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى :ئاقسىل ، ئامىنو كىسلاتالىرى

قىسقىچە  تۇنۇشتۇرۇش

موگۇموگۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تەنچىسى بىلەن تەختلىك گەۋدىسى دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى بولسا ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى، ئۇرۇقى بولسا كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. موگۇ ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ، موگۇ  فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالمايدۇ. موگۇ زەمبۇرۇغقا تەۋە، يەنە چوڭ زەمبۇرۇغ، كىچىك زەمبۇرۇغ دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ، موگۇنىڭ 36000 تۈرى بار، پىشقان ئىسپورا بىخلىنىپ زەمبۇرۇغقا ئايلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى كۆپ ھۈجەيرىلىك، توغرا توسما بار، دېبىت تەرىپى ئۇزۇن، ئاق رەڭلىك،ئىنچىكە، ئۇرۇن، شايى تۈكلۈك كېلىدۇ، تەدرىجىي  يىپسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.

زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى بىر-بىرىگە باغلىنىپ، زىچ توپ بولۇپ، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى چىرىغاندىن كېيىن، قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ئۆستۈرۈش ماتېرىيالى سۇس قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. موگۇنىڭ ئىسپورا تېنى پىشىپ يېتىلگەندە، خۇددى بىر كىچىك كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقى، موگو ساپىقى، موگۇ قاتلاقلىرى،كوللار، يالغان يىلتىز زەمبۇرۇغى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپ قىسىم موگۇنى يېمەكلىك ۋە دورا قىلىشقا بولىدۇ ، لېكىن زەھەرلىك موگۇ چوقۇم ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. موگۇ تەخمىنەن 1 دائىرە، 2 ساھە، 12 سىنىپ، 14 كەنجى سىنىپ، 800 ئەترىتى، 1400 ئائىلە ۋە 8500 ئۇرۇقداش دەپ ئايرىلىدۇ، جەمئىي 36000 تۈرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏