چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى پەقەت ياپونىيەگىلا تارقالغان، ئامېرىكىدا ئەتىۋارلىنىپ بازار تاپقان مىجەزى مۇلايىم، ئادەمگە ئامراق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :日本无尾猫

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار ئەترىتى

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

كىلىش مەنبەسى

4پارچەياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكىياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى پەقەت ياپونىيەگىلا تارقالغان، ئامېرىكىدا ئەتىۋارلىنىپ بازار تاپقان مىجەزى مۇلايىم، ئادەمگە ئامراق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى تۇنجى قېتىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كەلگەن مۈشۈكخۇمار بىر گېنېرال تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، گېنېرال توشقانغا ئوخشاش قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنى كۆرۈپ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن مۈشۈك ئوخشايدۇ دەپ قالغان ۋە كېيىن ياپونىيەدە بۇنداق قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قۇيرۇقى ئۇزۇن مۈشۈكلەرنىڭ ياۋا مۈشۈك دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكىمۇ ئاخبارات خەۋەرلىرى بىلەن تەڭلا تېزلىكتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا تارقالغان. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى ھازىر ياپونىيە تەرىپىدىن قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىپ دۆلەت ھايۋىنى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏