چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رۇسىيەنىڭ تۇپراق مۇتەخەسسىسى ۋىليامىس تۇپراق قۇۋىتىنىڭ سىرىنى ئاچقان، ئۇ 1863-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى موسكۋادا تۇغۇلغان. بۇ ئۇلۇغ ئالىم 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋىليامىس

دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1863-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

كەسپى :تۇپراق مۇتەخەسسىسى

چەتئەلچە نامى :Vladimir Vernadsky

شەخس ئانكىتى 

رۇسىيەنىڭ تۇپراق مۇتەخەسسىسى ۋىليامىس تۇپراق قۇۋىتىنىڭ سىرىنى ئاچقان، « ئوت-چۆپ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش » نى ئىجات قىلىپ، ئاجىز يەرلەرنى پەيدىن-پەي مۇنبەت يەرلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئىمكانىيەت ياراتقان. ۋىليامىس 1863-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى موسكۋادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ئىنژېنېرى بولۇپ، ناھايىتى بىلىملىك ئىدى ھەم نۇرغۇن كىتاپلارنى ساقلىغان ئىدى. ۋىليامىس كىچىكىدىنلا، دادىسىنىڭ تەربىيىسى ئارقىسىدا، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە ۋە ئىتالىيانچىنى ئۆگەنگەن. ۋىليامىس 13 يېشىدا مەكتەپكە كىرىپ، ناھايىتى تېزلا تەبئىي پەن ھەۋەسكارى بولۇپ قالغان. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇسخىلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرى تەجرىبە نەيچىلىرى، خىمىيىۋى دورا، مەدەن، قۇشلارنىڭ نۇسخىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن تولغان. ئۇ يەردە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان جانىۋارلارنى بېقىش فېرمىسىنى قۇرۇپ ئۆمىلىگۈچىلەر تىپىدىكى نۇرغۇن جانىۋارلارنى باققان. ئۇ ئوقۇغان مەكتەپتە ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان بىر تەجرىبىخانا بولۇپ، ئۇ كېيىن شۇ تەجرىبىخانىنىڭ خالىس باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏