چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئوپراھ ۋىنفرېي پەقەتلا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال رىياسەتچىلا ئەمەس، يەنە ئايال ماگىنات، مەشھۇر ساخاۋەتچى، داڭدار ژۇرنالست، دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئايال جامائەت ئەربابىنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئوپراھ ۋىنفرېي

خەنزۇچە ئاتىلىشى :奥普拉·温弗莉

باشقا نامى :ئوپراھ 奥普拉

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

مىللىتى :ئامېرىكان

يۇرتى :مىسسىسسىپى شتاتى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1954-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

قان تىپى :AB

كەسپى :ئارتىس، فىلىم ئىشلىگۈچى، رىياسەتچى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :تېنناس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى

چەتئەلچە نامى :Oprah Winfrey

باشقا نامى :欧普拉·温芙蕾,奥花·云费

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

5پارچەئوپراھ ۋىنفرېيئوپراھ  ۋىنفرېي ___ ئىنتايىن غۇربەت ئائىلىدە چوڭ بولغان، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ كەمسىتلىشكە تولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان، لېكىن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىززەتلىك ئايال نىگىرگە ئايلانغان. ئۇ ئەرلەر، ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەرلەرگىمۇ، ئاق تەنلىكلەرگىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالىغان. ئۇ ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان «گېزەندە نىگىر » دىن ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان مەنىۋىي خانىشلىق تەختىگە چىقالىغان. مانا بۇ «ئامېرىكا چۈشى» نىڭ ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلانغان نۇسخىسى. بۇ رىۋايەتلىك شەخس دەل ئامېرىكا، ھەتتا دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق رىياسەتچى – ئوپراھ.ۋىنفرېيدۇر.

ئوپراھ  ۋىنفرېي بايلىقى غايىپ خەزىنىگە ئۇچراپ قېلىپ ياكى لاتارىيە تارتىپ تاپقان بايلىق ئەمەس، ئۇنىڭ شۆھرىتى يولدىشىغا تايىنىپ چىققان ئەمەس، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قوشۇن تارتىپ قولغا كەلگەنمۇ ئەمەس. مانا بۇ زۇۋاننىڭ كۈچى، مانا بۇ قەيسەرلىكنىڭ قۇدرىتى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەسىرىنىڭ كەينىگە ئادەم ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ھېسابسىز خورلۇق-كەمسىتىشلەر، سانسىز ئەجىر- مېھنەتلەر سىڭىپ كەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏