چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ كېسەل ئاساسلىقى پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل بولۇپ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق ئاساسلىق rna بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۆلۈنۈش. كېسەل ئالامەتلىرى بولسا : قىزىل چىقىش، بوغۇم-بوغۇملار مۇسكۇل مۇسكۇللار ۋە باش ئاغرىش، كۆزى قىزىرىش، ئەسۋە چىقىش...ۋە ھاكازلار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :زىكا كېسىلى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :寨卡病

ئاساسلىق ئالامىتى :قىزىل چىقىش، باش ئاغرىش

كېسەللىك سەۋەبى :زىكا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن

تەۋە بۆلۈم :يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلىمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق

يۇقۇملىنىش يولى :پاشا چىقىش

قىسقىچە چۈشەنچە 

1947-يىلى بايقالغان كېسەل بولۇپ شۇ يىلى ئۇگاندادا مايمۇن تېنىدە بايقالغان. 1952-يىلىدىن ئۇگاندا ۋە تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق تارقاشقا باشلىغان. بۇ كېسەل ئاساسلىقى پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل بولۇپ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق ئاساسلىق بۆلۈنۈش ئۇسۇلى rnaئارقىلىق بۆلۈنۈش. كېسەل ئالامەتلىرى بولسا : قىزىل چىقىش، بوغۇم-بوغۇملار مۇسكۇل مۇسكۇللار ۋە باش ئاغرىش، كۆزى قىزىرىش، ئەسۋە چىقىش ...ۋە ھاكازلار

بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىلىرى كىچىك باش كېسىلى بىلەن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلمەي شۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ كېسەل 2007-يىلىدىن باشلاپ تىز سۈرئەتتە ئىنسانلارغا 

يۇقۇشقا باشلىغان، 2015-يىلى ئوتتۇرا جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدە تەدرىجىي كېڭەيگەن، بۇنىڭدا ئەڭ ئېغىر بولغىنى بىرازىلىيەدە 3500 شۇ كېسەلگە گىرىپتا بولغۇچى كىچىك باش بالا بايقالغان.

   1947-يىلى ئالىملار ئۇگاندادا بىر قىسىم مايمۇنلارنى قەپەزگە سولاپ كۆزەتكەن، نەتىجىدە بىر مايمۇندا تۇيۇقسىز قىزىش كۆرۈلگەن ئالىملار بۇ خىل ۋىرۇسنى مايمۇننىڭ بەدىنىدىن ئايرىپ ئالغان ۋە ئۇ ۋىرۇسقا زىكا ۋىرۇسى دەپ نام بەرگەن. بۇ ۋىرۇس ۋە قان زەردابىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ب تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋىرۇس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 1956-يىلى بۇ ۋىرۇسنىڭ پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ بىرقىسىم دۆلەت ۋە رايونلىرىدىكى ھايۋانلاردا (ئاساسلىقى مايمۇنلاردا ) تارقالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏