چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى بار بۇلۇپ، بۇلار كىرىشمە (باش سۆز)، جەمەت ئەزالىرى شەجەرە سېخمىسى، ئاساسىي بايان قىسىمى، ئاتىلار سۆزى (جەمەت يۇسۇنى)، جەمەت يۇلتۇزلىرى، تۆھپىلەر بايانى، تۈگەنچە (ئاخىرقى سۆز) قاتارلىقلار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :خەنزۇچە ئاتىلىشى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :谱牒 pǔ dié

مەزمۇنى

نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى بار بۇلۇپ، بۇلار كىرىشمە (باش سۆز)، جەمەت ئەزالىرى شەجەرە سېخمىسى، ئاساسىي بايان قىسىمى، ئاتىلار سۆزى (جەمەت يۇسۇنى)، جەمەت يۇلتۇزلىرى، تۆھپىلەر بايانى، تۈگەنچە (ئاخىرقى سۆز) قاتارلىقلار.

كىرىشمە (باش سۆز)

بۇ بۆلەكتە مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسلىي مەنبەسى، ئومۇمىي تارىخىي، مىللىي كىملىكى، يۇرتى، كۆچۈش يۆنىلىشى ، تەگئاتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن ئىخچام ھالدا شەرھىيلىنىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك. بۇندىن باشقا مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسەبنامىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىم تەرىپىدىن  قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە كېيىن كىم تەرىپىدىن، قاچان، نېمە ۋەجىدىن تۈزىتىلگەنلىكى ھەمدە مەزكۇر نەسەبنامىنىڭ ھازىرغىچە قانچە ئەۋلاد داۋام قىلغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

جەمەت ئەزالىرى شەجەرە سېخمىسى

بارلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىمى – شەرىپى بىرمۇ – بىر خاتىرىلەنگەن ۋە شەجەرە سېخمىسى تۈزۈش قائىدىسى بويىچە تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن شەجەرە سېخمىسى بولۇشى كېرەك. شەجەرە سېخمىسى دەرەخ شەكىللىك، قوياشسىمان، ھىلالئايسىمان سېخما قاتارلىق بىرقانچە خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ. سېخما تۈزگۈچى ئۆزى مۇۋاپىق قارىغىنى بويىچە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. مەزكۇر سېخمىنىڭ باش قىسىمى نەسەب يىلتىزى ياكى باش ئۇرۇقتىن باشلىنىپ نۆۋەتتىكى ئەۋلادقىچە بىرمۇ – بىر تەپسىلىي خاتىرىلىنىشى، ئېنىقىسز ئۇرۇنلار سۇئال بەلگىسى بىلەن بوش قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

ئاساسىي بايان قىسىمى

مەزكۇر بۆلەكتە، مەزكۇر جەمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ نامى – شەرىپى، تۇغۇمى ۋە ئۆلۈمى، ياشىغان ئولتۇرۇقى، كۆچمىشى، ئەۋلادلىرى ، كەسپى قاتارلىقلار تەپسىلىي، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئىش – ئىزلىرى ، ئەمەل – مەنسەپلىرى تېگىشلىكلىرىنىڭ قىسقا ئىخچام بايان قىلىنىشى كېرەك. بۇ قىسىمنى يېزىشتا باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي يېزىپ مېڭىشقىمۇ، ياكى نەسەبنامە دەرىخىدىكى ھەبىر غولغا بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، سەھىپىلەر بويىچە ئايرىم  – ئايرىم بايان قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.

ئاتىلار سۆزى (جەمەت يۇسۇنى)

ئاتىلار سۆزى نەسەبنامىدىكى ئاساسىي مۇھىم مەزمۇنلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ بۆلەكتە، شۇ جەمەت ئەجدادلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قىلغان تەربىيە–ۋەسىيەتلىرى، ئاتىلارنىڭ دىنىي ئىتىقاد، ۋەتەن سۆيەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق، كىشىلىك ، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق، جەمەت نەسلىنى ئۈزۈپ قويماسلىق، جەمەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئۆگۈت–نەسىھەتلىرى ئىخچام خاتىرىلىنىشى كېرەك.

جەمەت يۇلتۇزلىرى

بۇ بۆلەكتە نۇقتىلىق قىلىپ مەزكۇر جەمەت ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم – ئۆلىما، تۆھپىسى مەشھۇر ، تونۇقلۇق كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخي تۆھپىسىى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.بۇ بۆلەكنى يېزىشتا جەمەت كۆكىدە ئالاھىدە پارلىغان ھەربىر يۇلتۇز يەنى مەشھۇر كىشىگە ئايرىم بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، تەپسىلىي بايان بېرىش كېرەك.

تۆھپىلەر بايانى

مەزكۇر بۆلەكتە ئەگەر مەزكۇر جەمەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىخترا ئېتىلگەن كەشپىيات، يېزىپ قالدۇرۇلغان تىلغا ئېلىشقا ئەرزگۈدەك ئەسەر قاتارلىق تارىخي تۆھپىلەر بولسا ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي ياكى قىسقىچە مەلۇمات بېرىش كېرەك. ئەگەر بولمىسا مەزكۇر بۆلەك قالدۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

تۈگەنچە (ئاخىرقى سۆز)

مەزكۇر بۆلەكتە ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلاردىن كۈتكەن ئۈمۈدى ۋە مەزكۇر نەسەبنامىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەققىدىكى ئۈمىدى – تىلەكلىرى بايان ئەيلىنىپ، نۆۋەتتىكى نەسەبنامە پۈتۈشنىڭ تاماملانغان ۋاقتى ۋە قەلەم تۇتقۇچىنىڭ ئىسمى – شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىپ قالدۇرۇلىشى كېرەك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏