چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئامېرىكا ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي يانفون iphone 5 نى ئېلان قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :iPhone 5

خەنزۇچە نامى :iPhone 5

چەتئەلچە نامى :Apple iPhone 5

ئىشلەپچىقارغان شىركەت :ئالما شىركىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە

بازارغا سېلىنغان ۋاقتى :2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى (شىياڭگاڭ)

ماركىسى :ئالما

CPU تىپى :ئالما A6

ئېكرانىنىڭ ماتېرىيالى :PIS

مەشغۇلات سىستېمىسى: :iOS 6.0

RAM سىغىمى :4GB

سىرتقى لاھىيەسى :تۈز شەكىللىك

ئېغىرلىقى :112 گرام

ئېكراننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: :4.0 ئىنگلىزچى

 قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

13پارچەiphone 5ئامېرىكا ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي يانفون iphone 5 نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئالما يانفونلىرى بىلەن كۆرىنەرلىك بولغان پەرقى ئېكرانى چوڭراق بولۇپ، يانفۇننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى نېپىزلىتىلگەن. 2012-يىلى 9-ئاي 21-كۈنى (شىياڭگاڭ) بازارغا سېلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.

ئالما شىركىتى بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا يېڭى مەھسۇلاتنى تارقىتىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يانفون iphone 5 نى چىقارغان. ئالما شىركىتىنىڭ ئاش ئىجرائىيە مۇدىرى تىم كۇك يېڭى iphone نىڭ ئىسمىنى iphone 5 دەپ ئېلان قىلغان، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالدىن زاكاسلارنى قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا، شىياڭگاڭ قاتارلىق توققۇز دۆلەت ۋە رايوندا سېتىشنى باشلىدى، ئۇنىڭ  16GB، 32GB، 64GB دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئىككى يىللىق پۈتۈشكەن باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 119 ئامېرىكا دوللىرى، 299 ئامېرىكا دوللىرى، 399 ئامېرىكا دوللىرى.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالما شىركىتى iPhone 5s ۋە iPhone 5c نى چىقارغاندىن كېيىن iphone 5 نى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يانغوننىڭ تىپى: 4G يانفون، ئەقلىي يانفون، رەسىمگە تارتىدىغان يانفون.

ئاساسىي ئېكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: 640×1136 پىكسېل.

سانلىق مەلۇمات كەسپى: GPRS، CDMA 1X، EVDO rev.A.

قوللايدىغان چاستوتا بۆلىكى: 2G: GSM 850/900/1800/19003G :CDMA EVDO 800/1900 4G: LTE-TD 700.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏