چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش Twitter شىركىتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان فىرانسىسكودا جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone) قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :Twitter

خەنزۇچە ئاتىلىشى :推特(非官方)

شىركەت تىپى :شەخسىي شىركەت

كەسپ تەۋەلىكى :پۈتۈن يەرشارى

باش شىتابى :ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان فىرانسىسكو

قۇرغۇچىسى :جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone)

قۇرۇلغان ۋاقتى :2006-يىلى 3-

توربېكىتى :twitter.com

چەتئەلچە نامى :Twitter

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

9پارچەTwitter شىركىتىTwitter شىركىتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان فىرانسىسكودا جېك دورسېي (Jack Dorsey)، نوئاھ گلاس (Noah Glass)، ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams)، بىز ستون (Biz Stone) قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان. 

Twitter-ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە مىكرو بىلوگ مۇلازىمىتى، ئۇ ئابونىتقا 140 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئۇچۇرنى يوللاپ بېرەلەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلار «(推文) Tweet» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى جېك دورسېي 2006-يىلى 3-ئايدا تەسس قىلىنىپ، شۇ يىلى 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن. Twitter پۈتۈن دۇنياغا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، Twitter نىڭ ھازىرقى CEO سى دىك كوستولو (Dick Costolo) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2012-يىلى 3- ئايغىچە، Twitter نىڭ ئاكتىپ ئەزاسىنىڭ سانى 140 مىليونغا يەتكەن، بۇ ئەزالارنىڭ ھەركۈنى ئېلان قىلغان Tweetتىنىڭ سانى تەخمىنەن 340 مىليونغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Twitter ھەركۈنى تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليون توردا ئىزدەش تەلىپىنى ھەل قىلىدۇ. Twitter باشقىلار تەرىپىدىن «ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. تور بېكەتنىڭ تىزىملاتمىغان ئەزالىرى ئاشكارا Tweet لارنى ئوقىيالايدۇ، تىزىملاتقان ئەزالىرى بولسا Twitter تور بېكىتى، قىسقا ئۇچۇر ياكى ھەرخىل ئەپلەر ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلالايدۇ. Twitter شىركىتى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىشخانا ۋە مۇلازىمېتىرلىرى نيۇيوركقا جايلاشقان. Twitter بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئىچىدىكى زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون چوڭ تور بېكەتنىڭ بىرى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Twitter«ئەرەب باھارى» ۋە باشقا سىياسىي ھەركەتلەرنىڭ مۇھىم رولچىسى دەپ قارىلىدۇ.

2013-يىلى 9-ئايدا، Twitter تۈنجى قېتىم ئوچۇق ئاشكارا پاي توپلاش ئېلىپ باردى. 11-ئاينىڭ 7- كۈنى،Twitter نىڭ پېيى نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسىدا 45.1 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن دەسلەپ قىلىپ، تارقىتىش باھاسىدىن %73.46 كۆتۈرۈلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏