چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش توقسۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.ئومۇمىي كۆلىمى 3.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 6784 ئادەم.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :توقسۇ بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :新和镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :توقسۇ ناھىيەسى

يەر مەيدانى :3.8 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :6784

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

توقسۇ بازىرىتوقسۇ بازىرى چۆلتاغ تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تىنما تۈزلەڭلىكىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان، پۈتۈن بازاردىكى يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا يانتۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 1.7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 2.7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمالى ئىچئېرىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تاشئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبى پەي ئالدى بىلەن بازار يېزىسى بىلەن بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏