چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھەربىي ئىشلار ئىلمى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىلىمدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ھەربىي ئىشلار ئىلمى

خەنزۇچە نامى :军事科学

چەتئەلچە نامى :military science

ئىشلىتىلشى :ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

8پارچەھەربىي ئىشلار ئىلمىھەربىي ئىشلار ئىلمى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىلىمدۇر. ئۇرۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە پەيدا بولغان بولۇپ، قۇلدارلىق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەت قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ۋاستىسىمۇ كۈنسېرى قەبىھلەشكەن.  ھەر قايسى سىنىپ، جەمئىيەت، دۆلەت ۋە سىياسىي گۇرۇھلار ئۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن ئۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ، جەڭ قوراللىرىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولغان ھەربىي ئىشلار ئىلىم سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

ئۇرۇش بولسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا كەلگەندە پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ھادىسە. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى قەۋم ياكى ئىتتىپاقلار ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قەۋم ئۇرۇشلىرى ئاساسلىقى ياشاش شارائىتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەخسىي مۈلۈك ۋە سىنىپ شەكىللەنگەن ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. سىنپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇرۇش سىنىپ، مىللەت، دۆلەت ۋە سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ قالغان. پەقەت پۈتۈن دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك كوممۇنىزىم تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنلا، سىنىپ ۋە دۆلەت ئۇقۇمى يوقىلىدۇ، تەبىئىيكى، بۇ چاغدا ئۇرۇشمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ھەربىي ئىشلار ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتتۇر. مەسىلەن، قورال كۈچىنىڭ تەشكىللىنىشى، ھەربىي تەييارلىق ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسى قاتارلىقلار ھەممىسى ھەربىي ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسىدۇر. ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ ياسىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پايدىلىنىش، تاكتىكا، ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ئۇرۇش تەمىناتلىرىنى تەييارلاش ۋە تەمىنلەش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى پىلانلاش ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارقا سەپ كۈچىنى تەشكىللەش، قۇرۇش ۋە تولۇقلاش قاتارلىق ھەممىسى ھەربىي ئىشلار كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. ھەربىي ئىشلار ھەرگىزمۇ ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پائالىيەت ئەمەس، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىسى، مەدەنىيەت، تەربىيىلەش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىگە ھەتتا ئاڭ فورماتسىيىسىگىمۇ چېتىشلىق بولۇپ ھەم يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ھەم ئۇلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏