چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش قاتارلىقلار.

 قىسقىچە چۈشەندۈرۇش

 ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى :بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش. ئامېرىكىدىكى بالىلار بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئانىسىدن ئايرىلىپ ئۇخلايدىكەن. ئىككى، ئۈچ ياشلىق بالىلار ئايرىم ئۆيدە ياتىدىكەن، پەقەت ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىكەن، تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنى، يەنى ئويناش ئۆگىنىش قاتارلىق ئشىلارنى ئۆزى تاللايدىكەن ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن. كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى ھەمدە ئوقۇش قورالى ساقلايدىغان ئايرىم جايى بولىدىكەن، ھۇجىرسىنى يىغىشتۇرىدىكەن ۋە سەرەمجانلاشتۇرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى قىلىپ بەرمەيدىكەن، پەقەت ئېسىگە سېلىپ قويىدىكەن ۋە مەسلىھەت بېرىدىكەن.

كىچىك خوجايىن 

   ئامېرىكىلىق بالىلار ئۆينىڭ كىچىك خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدىكى چوڭ ئشلارغىمۇ ئارىلىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن، مەسىلەن قانداق ماشىنا، قانداق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ۋە قانداق كومپىيوتېر سېتىۋېلىش ھويلا ئارامدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قانداق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۆينى بېزەش قاتارلىق ئىشلاردا بالىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىكەن ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا قۇربى يەتكۈدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىكەن مەسىلەن: ھويلا-ئارامنى يىغىشتۇرۇغ، گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش، ماشىنا سۈرتۈش، ئۆي تازىلاش، ۋە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلشىپ بېرىدىكەن. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارىلىشىۋالمايدىكەن، ۋە قىزىقىشىغا ئارىلىشۋالمايدىكەن. يەنى ئۆزى قىلىشقا قىزقمىغان ئىشلارنى قىلغۇزمايدىكەن، بەلكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆزمەت قىلىدىكەن. دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتنى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. قانداق سۆزلەرنى ئۆگىنىش ۋە باشقا قىزىقىشىنى قوللايدىكەن ۋە ئىلھاملاندۇرىدىكەن، ھەم يېتەكچىلىق قىلىدىكەن، ھەمدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، كۇرۇسلارغا قاتناشتۇرىدىكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏