چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۇلتۇزباغ بازىرى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازارنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1009 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 866.67 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يۇلتۇزباغ بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :尤鲁都斯巴格镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :توقسۇ ناھىيەسى

يەر مەيدانى :866.67 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :19167 ئادەم

كىلىماتى :چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل بەلباغ خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇزباغ بازىرى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى توقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئۈچقات يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربى ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن، شىمال تەرىپى چۆلتاغ تېغى ۋە باي ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پۈتۈن بازارنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1009 مېتىر، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 2212 مېتىر ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1980 مېتىر، بازار شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 90 نەچچە كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ .ئومۇمىي كۆلىمى 866.67 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كىلىمات جەھەتتىن چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل بەلباغ خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. 2004 يىلىدىكى نوپۇسى 19167 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 18907 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 2482 ئادەم.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏