چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رېن جېڭفېي 1944-يىلى گۈيجۇنىڭ ئەنشۈن دېگەن يېرىدىكى بىر تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان، خۇاۋېي پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش لىدىرى. رېن جېڭفېينىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئائىلىدە جەمئىي ئالتە پەرزەنت بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :رېن جېڭفېي

خەنزۇچە ئىسمى :任正非

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

تۇغۇلغان ۋاقتى :1944-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

يۇرتى :گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى

مىللىتى :خەنزۇ

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :چۇڭچىڭ ئۇنۋېرسىتېتى

كەسپى :كارخانىچى

شىركىتى :خۇاۋېي شىركىتى

شەخسلەر ئانكىتى

رېن جېڭفېي

 رېن جېڭفېي 1944-يىلى گۈيجۇنىڭ ئەنشۈن دېگەن يېرىدىكى بىر تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان،ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئائىلىدە جەمئىي ئالتە پەرزەنت ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى گۇيجۇنىڭ يىراق تاغلىق رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەكتىپىدە ئوقۇغان.

 زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىنى بەلگىلىگەن بىر ئامىلغا ئايلانغان.1963-يىلى رېن جېڭفېي چۇڭچىڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغان، ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە تاشلانغان. ئاتىسى تۈرمىگە سولىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بوشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىشتى تاپىلىغان ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ھەربىيلىككە قاتناشقان، يەنى قۇرۇلۇش ئەترىتىدە تۇرغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏