چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پەلسەپە بولسا نەزىرىيىلەشكەن، سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراش ۋە تەبىئىي ئىلىم، ئىجتىمائىي ئىلىم ۋە تەپەككۇر ئىلمىنىڭ يىغنچاقلىنىشى شۇنداقلا خۇلاسىسى بولۇپ، دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ كونكىرت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسىنى، ماھىيىتىنى، ئورتاقلىقىنى ياكى مۇتلەقلىكىنى شۇنداقلا ئاخىرقى چېكىنى قوغلىشىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، پەلسەپىۋىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە تىكلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىجتىمائىي پەندۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :پەلسەپە

خەنزۇچە نامى :哲学

چەتئەلچە نامى :Philosophy

قىسقىچە چۈشەنچە 

پەلسەپە دۇنيا قاراشقا دائىر نەزىرىيە بولۇپ، تەبىئىي ئىلىم ۋە ئىجتىمائىي ئىلىملارنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە خۇلاسىلىنىشىدۇر. پەلسەپىدە نېگىزلىك مەسىلە بولسا، تەپەككۇر ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ماددا بىلەن ئاڭغا دائىر مەسىلىلەر بىلەن بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەر بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان قارىمۇ-قارشى ئىككى خىل قاراش شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىدىئالىزىملىق پەلسەپە بىلەن ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپىدۇر.

ماركس بىلەن ئىنگلىس تەنقىدىي ھالدا ئۆتمۈشتىكى پەلسەپىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەبىئىي پەننىڭ نەتىجىلىرى بىلەن پرولتارىيات كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە يەنە ماركىسىزىملىق پەلسەپە، يەنى دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپىنى تىكلىگەن. 

پەلسەپە ئاز ساندىكى قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يېڭىباشتىن يىغىنچاقلاپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ئابىستىراكىتلىق ئىچىدىن ماھىيەت، ئادەتتىكى ماھىيەت ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىدۇ، كونكىرت ئىلىم-پەن بولسا، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇرنىڭ مەلۇم كونكىرت ساھەسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏